كېنىيەدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 267 ئادەم قازا قىلدى
كېنىيەدە 3 ھەپتىگە يېقىن داۋاملاشقان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 267 گە يەتتى.
2138340
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كىتھۇرې كىندىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېنىيەدە يېقىنقى 3 ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە 267 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 188 كىشى يارىلانغان، 75 كىشى يوقاپ كەتكەن، تەخمىنەن 389 مىڭ كىشى ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، 56 مىڭ ئائىلە ئۆي-ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان.