كۇلېبا رۇسىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە «خاتا شۇنداقلا بىمەنە» دەپ باھا بەردى

دىمترو كۇلېبا پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن تور يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

2121429
كۇلېبا رۇسىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە «خاتا شۇنداقلا بىمەنە» دەپ باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا 22-مارت كەچتە رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى بىر كونسېرت زالىدا قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئۇكرائىنا بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈشنىڭ «خاتا شۇنداقلا بىمەنە» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دىمترو كۇلېبا پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن تور يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ «رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ موسكۋادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئۇكرائىناغا چېتىپ ئىزاھلىشى» توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇنداق ئىزاھلاش «خاتا شۇنداقلا بىمەنە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى يامان كۆرسىتىش، كەمسىتىش ئۈچۈن، ھەممىلا ئىشنى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

22-مارت كەچتە رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى بىر كونسېرت زالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 140 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر