فىلىپپىندە قەتلىئامغا ئوخشايدىغان دەرىجىدە چوڭ قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى
فىلىپپىننىڭ كوتاباتو شەھىرىدە بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن مىنىبۇسنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە، 17 كىشى قازا قىلدى.
2120260
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى باشلىقى گودوفرېدو تۇپاس قۇم ۋە شېغىل قاچىلانغان بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ تورمۇزىدىن كاشىلا چىقىشى سەۋەبىدىن يولۇچىلار مىنىبۇسىغا سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ساقچى باشلىقى گودوفرېدو تۇپاسنىڭ ئېيتىشىچە، سوقۇلۇشتا ئوت كەتكەن بولۇپ، مىنىبۇسنىڭ شوپۇرى ۋە 16 يولۇچىسى نەق مەيداندا قازا قىلغان، 1 يولۇچى قۇتۇلۇپ قالغان.
يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى قولغا ئېلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.