ۋۇجىچ: ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ھۇجۇمنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى

سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ۋۇجىچ ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنى ئالدىن بىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2119234
ۋۇجىچ: ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ھۇجۇمنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇجىچ بىر مەھەللىي تېلېۋىزىيەنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا، موسكۋادىكى كونسېرت زالىدا پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە رۇسىيە خەلقىدىن ھال سورىغاندىن كېيىن: «بىز بىر نەچچە قېتىم دېگەن​​، ئەمما ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ئاڭلاشنى، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ئىشىنىشنى، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر پاكىتقا قاراشنى ئويلىغان نەرسە، 7-مارتتا ئامېرىكا (موسكۋادىكى) ئەلچىخانىسى، پۇقرالىرىنى سودا-سېتىق مەركەزلىرىگە بارماسلىققا چاقىرغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ۋە باشقىلىرىمۇ شۇنداق قىلدى. باشقىچە ئېيتقاندا بۇ، ئۇلارنىڭ ئىستىخبارات تارماقلىرىنىڭ بەزى گەپ-سۆزلەرنى تىڭشىغانلىقى، ئۇچۇر ئىگىلىگەنلىكى ۋە مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.

موسكۋادا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ مۆلچەرلەش قىيىن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان سېربىيە پىرېزىدېنتى ۋۇجىچ، سېربىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنى بۈگۈن يىغىن ئېچىشقا چاقىردى.

يىغىن چاقىرىشنىڭ ھەر خىل سەۋەبلىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋۇجىچ، موسكۋادىكى ھۇجۇمنىڭمۇ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

دەسلەپكى مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، موسكۋادىكى بىر كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 60 ئادەم قازا قىلغان، 115 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر