بۇركىنا فاسودا بىر يېزا چېركاۋى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان بۇركىنا فاسودا بىر چېركاۋغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

2107294
بۇركىنا فاسودا بىر يېزا چېركاۋى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسودىكى دورى كاتولىك چېركاۋى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سېنو ئىشتاتىغا جايلاشقان ئېسساكانې يېزىسىدىكى چېركاۋدا ئۆتكۈزۈلگەن يەكشەنبىلىك مۇراسىم جەريانىدا، كىملىكى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇم پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ھۇجۇمدا 15 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇركىنا فاسودا 2015-يىلى يۇقىرى پەللىگە چىققان بىخەتەرلىك كىرىزىسى سەۋەبىدىن 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ كىشىلەردىن پەقەت 120 مىڭى يۇرتلىرىغا قايتالىغان ئىدى.

باش مىنىستىرئاپوللىنايرې جوچېمسون كيېلېم دېتامبېلا ئۆتكەن يىلى (2023) قىلغان بىر قېتىملىق سۆزىدە، دۆلەت زېمىنىنىڭ %65 نىڭ دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر