ئەمىنە ئەردوغان غەززەدىكى يېتىم بالىلارنى تۈركىيەدە كۈتۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيەنىڭ غەززە رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ۋە نورماللىشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانغا قەدەر غەززەدىكى ئىگە -چاقىسىز ۋە يېتىم بالىلارنى كۈتۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

2102774
ئەمىنە ئەردوغان غەززەدىكى يېتىم بالىلارنى تۈركىيەدە كۈتۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
emine erdogan-misir kizilay1.jpg
emine erdogan-misir kizilay.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەسمىي ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە مىسىر پايتەختى قاھىرەگە بىرلىكتە بارغان ئايالى ئەمىنە ئەردوغان پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەسىسىنىڭ ئايالى ئېنتىسار ئامەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشىتا، غەززەگە قىلىنىۋاتقان ياردەملەرنى كېڭەيتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە قىلىشقا بولىدىغان ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى. بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى غەززەدە ئىنسانىي پاجىئەلەرنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان يېتىم بالىلارغا قارىتا تاشلىنىشى پىلانلانغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئەمىنە ئەردوغان رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ۋە نورماللىشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانغا قەدەر غەززەدىكى يېتىم بالىلارنى ۋاقىتلىق كۈتۈۋېلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئەمىنە ئەردوغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ غەززە ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەسىسىنىڭ ئايالى ئېنتىسار ئامەرمۇ نويابىردا ئەمىنە ئەردوغاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «پەلەستىن ئۈچۈن بىر يۈرەك رەھبەرلەر  يىغىنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئەمىنە ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

ئۇچرىشىتىن كېيىن، ئەمىنە ئەردوغان ئېنتىسار ئامەر بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دە غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ دەسلەپكى سائەتلىرىدىن ئېتىبارەن غەززە ۋە مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى رەفاھ چېگرا ئېغىزىدا خالىسانە ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن ھايات كارىما – غۇرۇرلۇق تۇرمۇش فوندى جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

ئەمىنە ئەردوغان مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە غەززە ئۈچۈن تەشكىللەنگەن ياردەملەر ھەققىدە مەلۇمات ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر