ئامېرىكا شىۋېتسىيەنىڭ ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلانغانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا كىرىش ئىلتىماسىغا مۇناسىۋەتلىك قارارغا ئىمزا قويغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2093761
ئامېرىكا شىۋېتسىيەنىڭ ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلانغانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئېكس (X) ئادرېسىدا ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا كىرىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىمىز» دېدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا يەنە، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ھۆججەتلىرىنىڭ ۋاشىنگتونغا يەتكۈزۈلۈشىنى ۋە ناتونىڭ 32-ئەزاسى بولۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «شىۋېتسىيە ۋە ئىتتىپاق بىرلىكتە تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ» دېدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئېكس ئادرېسىدا تۈنۈگۈن (25-يانۋار) ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىغا مۇناسىۋەتلىك بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنغان قانۇننى ئېلان قىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى» دېيلگەن ئىدى.

تۈنۈگۈن رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پەرمانى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر