كامېرون تۆت دۆلەتنى زىيارەت قىلىدۇ

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد كامېرون تۈركىيە، ئىسىرائىلىيە، پەلەستىن ۋە قاتارنى زىيارەت قىلىدۇ.

2093019
كامېرون تۆت دۆلەتنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى بايانات ئېلان قىلىپ، كامېروننىڭ بۇ ھەپتە رەھبەرلەر بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا، غەززەگە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش، ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، كامېروننىڭ تۈركىيەدە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوتتۇرا شەرقتە رايون بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، كامېرونىڭ ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز بىلەن كۆرۈشۈپ، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى كۆپەيتىشنى چاقىرىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئەنگلىيەنىڭ پۇقرالار ئۆلۈمىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، كامېروننىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئاشدود پورتى ۋە كەرەم شالون چېگرا ئېغىزى قاتارلىق نۇقتىلاردىن پايدىلىنىشنى، سۇ، يېقىلغۇ ۋە توك بىلەن تەمىنلەشنى نورماللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر