بلىنكېن: ئەرەب - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشى ئۈچۈن، غەززەدىكى توقۇنۇشلار ئاخىرلىشىشى كېرەك

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىسرائىلىيە-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن «غەززەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.

2086194
بلىنكېن: ئەرەب - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشى ئۈچۈن، غەززەدىكى توقۇنۇشلار ئاخىرلىشىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ABC خەۋەرلەر قانىلى مىنىستىر ئانتونى بلىنكېننىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى دائىرىسىدە ئىسرائىلىيەگە قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئايرودۇرۇمدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى سۆھبەتلەرنىڭ ئورتاق نۇقتىسىنىڭ «غەززە ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قايتىدىن  گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىش» مەسىلىسى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، ئىسرائىلىيە – ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى ۋە بىر گەۋدىلىشىشى» مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن، «غەززەدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىپ، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇناسىپ بىر پىلان-لايىھەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن تۈركىيە ۋە گىرېتسىيەدىن كېيىن، تەرتىپى بويىچە ئىيوردانىيە، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلغان، ئارقىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر