بلىنكېن بۈگۈن كەچتە تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

2084868
بلىنكېن بۈگۈن كەچتە تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن بۈگۈن كەچتە ئىستانبۇلغا كېلىدۇ.

ئانتونىي بلىنكېننىڭ تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېننىڭ تۈركىيە، گىرېتسىيە، ئىيوردانىيە، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىسرائىلىيە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە مىسىرنى زىيارەت قىلىپ، مەنسەپداشلىرى بىلەن «ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن ھاماسقا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتى، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىشنى كۆپەيتىش ۋە ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى» قاتارلىق بىر قاتار ھالقىلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ماتېۋ مىلېر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېننىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا، «ئۇزۇن يىللىق رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىقلار» ۋە شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشى يولىدا تاشلىنىۋاتقان قەدەملەر توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر