ئامېرىكا بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدا مەھبۇس ئالماشتۇرۇلدى

ۋېنېزۇئېلا 10 ئامېرىكا پۇقراسى بەدىلىگە بىر سودىگەر مەھبۇسنى قايتۇرۇپ كەلدى.

2079227
ئامېرىكا بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدا مەھبۇس ئالماشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە بىنائەن، ۋېنېزۇئېلادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 10 ئامېرىكالىق قويۇپ بېرىلدى.

ئاقساراي ئامېرىكادا سوت ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر مالايشىيالىق سودىگەرنىڭمۇ ئامېرىكاغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىمۇ مەھبۇس ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە بىنائەن مادۇروغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان بىر سودىگەرنى قويۇپ بەردى.

پىرېزىدېنت مادۇرو كاراكاستا ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىنغان سودىگەر ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، بۇ كېلىشىمدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى كۈنلەردە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يۇمشاشقا باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر