ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرىگە مەركەزلەشتى

ئىسىرائىلىيەنىڭ رەفاھ شەھىرىگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى قوشقاندا، كەم دېگەندە 25 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.

2078157
ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرىگە مەركەزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەفاھ شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىچىدە ژۇرنالىست ئادىل زارابمۇ بار. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 7 – ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىك ژۇرنالىستلارنىڭ سانى 96 گە يەتتى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى رەفاھتىن باشقا يەنە، نۇسەيرات پاناھلانغۇچىلار لاگېرى، خان يۇنۇس ۋە دەير بالا رايونىنىمۇ ۋەھشىيلەرچە بومباردىمان قىلدى.

7–ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە بومباردىمان قىلغان 22 دوختۇرخانا ۋە 53 سەھىيە مەركىزى خىزمەتتىن توختىدى. 300 دىن ئارتۇق تېببىي خادىم ئۆلتۈرۈلدى. 90 مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېت پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى.  

غەززەدە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. قاسسام بىرىگادىلىرى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتوموبىلنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان سىنئالغۇسىنى ھەمبەھرلىدى. خان يۇنۇسنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا، تانكا ئاتار راكىتا ئىشلىتىلدى. ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىلانغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بارلىقى ئېلان قىلىندى.

ئىسرائىلىيە غەززەدىكى توقۇنۇشتا يەنە ئىككى ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈن ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى يەتتىگە يەتتى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپىگە كەلدى. ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى يېڭى ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىنى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇشى شەرتى ئاستىدا، ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 19 مىڭ 453 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى، 52 مىڭ 286  پەلەستىنلىك يارىلاندى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززە رايونىغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان 7–ئۆكتەبىردىن بۇيان 461 ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 129 نەپىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن تاجاۋۇز قىلىش جەريانىدا ئۆلگەنلىكلىنى ئېلان قىلدى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ئاساسىدا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش جەريانىدا، 81 ئىسرائىلىيەلىك ۋە 240 پەلەستىنلىك تۇتقۇن ئالماشتۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر