بلىنكېن ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان بىلەن تېلېفونلىشىپ، تىنچلىق سۆھبەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.

2069896
بلىنكېن ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان بىلەن تېلېفونلىشىپ، تىنچلىق سۆھبەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئانتونىي بلىنكېننىڭ ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق سۆھبەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تىنچلىق كېلىشىمى» تۈزۈشكە تەييارلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى قارشى ئالغان ئانتونىي بلىنكېن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ھەر ئىككى تەرەپتە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بلىنكېن ئىككى دۆلەت تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى نەتىجىگە ئىگە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدىمۇ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرمېنىيەنى تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن، بىۋاسىتە ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت باشلاشقا چاقىرغانىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇشى ئۈچۈن تەخمىنەن 2.5 ئاي ۋاقىت كەتكەنلىكى قەيت قىلىنغانىدى.

ئەرمېنىيە ۋە ئەزەربەيجان چېگرا بەلگىلەش كومىتېتى ئەزالىرى 30-نويابىر ئىككى دۆلەت چېگرا رايونىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر