ب د ت كومېسسارى جىبالىيا لاگېرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى باياناتچىسى ئېلىزابېت تروسسېل، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى جىبالىيا مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

2060258
ب د ت كومېسسارى جىبالىيا لاگېرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇردى

تۈركىيە ئاۋزاى ردىيوسى خەۋىرى: تروسسېل ب د ت جەنۋە ئىشخانىسىنىڭ ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە- پەلەستىن توقۇنۇشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

بىر مۇخبىرنىڭ «(جىبالىيا مۇساپىرلار لاگېرى ھۇجۇمىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا) ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئادەمگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئونلارچە ئادەمنى ئۆلتۈرگەن مۇساپىرلار لاگېرى ھۇجۇمىنى ئەيىبلەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا: «بىز بۇ يەرنىڭ پۇقرالار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئولتۇراق رايون ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭلاشقا، بۇنداق بىر جايغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى. شۇ ۋەجىدىن، بۇ ھۇجۇم كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل تەڭپۇڭسىز ھۇجۇملاردىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن تروسسېل، بۇلارنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى» بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ مۇخبىرنىڭ «ھۇجۇمنى ئەيىبلەشتىن نېمىشقا ئۆزىڭىزنى قاچۇرىسىز؟ ئىسرائىلىيە بۇنى ئاللىقاچان رەسمىي دەلىللىدى. سىزنىڭ ئۇنى ئەيىبلىمەسلىكىڭىز، بۇ كوللېكتىپ جازانى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىرەر قانۇنلۇق سەۋەبىڭىزنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟» دېگەن سوئالىغا: «بۇ (پوزىتسىيە) ئەيىبلەشنى رەت قىلىش ئەمەس، بەلكى ناھايىتى كونكرېت بولۇشقا تىرىشىش ۋە بىزنىڭ بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ» دېيىش بىلەنلا كۇپايىلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر