ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقتا ئۈچ پەلەستىنلىك ياشنى ئېتىۋەتتى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)نىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ھۇجۇملىرىدا ئىككىسى كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي ئۈچ پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.

2059581
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقتا ئۈچ پەلەستىنلىك ياشنى ئېتىۋەتتى
bati seria gozalti.jpg
bati seria.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەربىي قىرغاقنىڭ قالقىلىيا شەھىرىدە 14 ياشلىق بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى، ئىككى پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا يەنە، ئەلبىرە شەھىرىدە 19، نابلۇستا 14 ياشلىق ئىككى پەلەستىنلىك ياشنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەرقىي قىرغاقتا يەھۇدىي كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەر سانى 133 كە يەتتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستا كەم دېگەندە 65 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى.

7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان قولغا ئېلىنغان پەلەستىنلىكلەر سانى 1900 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر