نىگېرىيەدە بىر كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ 15 ئادەم ئۆلدى

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن نىگېرىيەنىڭ تارابا ئۆلكىسىدە بىر يولۇچىلار كېمىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2057775
نىگېرىيەدە بىر كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ 15 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، مايورېنېرو رايونىدىكى بېلىق بازىرىدىن تارابا ئۆلكىسىگە قايتىۋاتقان ۋە 100 دىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرغان بىر كېمە بېنۇئې دەرياسىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن باشلانغان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، 15 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.

رايوندا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن.

نىگېرىيەدە يامغۇر پەسلىدە دەريا ۋە كۆللەردە  پات – پات كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ئاپەتلىرى يۈز بېرىدىكەن.

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم، 9-سېنتەبىر كۈنى نىگېر ئۆلكىسىدە، 11-سېنتەبىر كۈنى ئاداماۋا ئۆلكىسىدە يولۇچىلار ئولتۇرغان كېمىلەر چۆكۈپ كېتىپ، 40 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر