ئىسرائىىيە ھەلەب ئايرودۇرۇمىغا يەنە ھۇجۇم قىلدى

ئىسىرائىلىيە قىسىملىرى سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ھەلەب ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى.

2051146
ئىسرائىىيە ھەلەب ئايرودۇرۇمىغا يەنە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ھەلەبتىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇم ئايرىم-ئايرىم ئۈچ راكېتامىيوتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

دەمەشىق ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقى-سانا (SANA) نىڭ بىر ھەربىي مەنبەنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە، ھەلەب ئايرودۇرۇمىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 23:35 دە ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە: «ئۇچۇش يوللىرى زىيانغا ئۇچرىدى، ئايرودۇرۇممۇ خىزمەتتىن توختىتىلدى» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيە 12-ئۆكتەبىردىمۇ بىرلا ۋاقىتتا دەمەشىق ۋە ھەلەبتىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇملارغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر