كولومبىيە ئىسىرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى توڭلاتتى

كولومبىيە پىرېزىدېنتى پېترو ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەندىن كېيىن، كولومبىيەنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىسى ئىسىرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.

2051460
كولومبىيە ئىسىرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى توڭلاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەت ئەبۇ گايت مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى مۇسا فاكى مۇھەممەد بىلەن غەززە توغرىسىدا كۆرۈشتى.

ئەرەب ئىتتىپاقى بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقى غەززەدە 2.2 مىليون پەلەستىنلىكنى دەرھال كۈندىلىك ئېھتىياج بۇيۇملىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى كۆپەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇمىغا بولغان نارازىلىقلارمۇ بارغانسېرى كۈچەيگەن ھالدا داۋام قىلماقتا.

كولومبىيە پىرېزىدېنتى پېترو ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەندىن كېيىن، كولومبىيەنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىسى ئىسىرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.

ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى كولومبىيەگە بىخەتەرلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى.

كولومبىيە پىرېزىدېنتى پېترو: «پەلەستىنلىكلەرنى قىرغىن قىلىشنى قوللىيالمايمىز. ئىسىرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىمىزنى توڭلىتىشنى  ۋە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق» دېدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئوتتۇرا شەرقتە ھاڭنىڭ تۈۋىدە تۇرۇۋاتىمىز. ئىنسانپەرۋەلىك ياردەم كارىدورىنىڭ ئېچىلىشىغا رۇخسەت قىلىشقا چاقىرىمىز. غەززەگە ئەۋەتىلىدىغان يېمەك-ئىچمەك، سۇ، تىببىي مالزىمىلەر ۋە يېقىلغۇلارنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى، ياردەملەرنىڭ رايونغا بىر قانچە سائەت ئىچىدە ئەۋەتەلەيمىز» دېدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ ئىسىرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى غەززەنىڭ شىمالىدا يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، غەززەدىكى پۇقرالارنىڭ ھېچقانداق بىخەتەر جايىنىڭ قالمىغانلىقىنىڭ ئېچىنىشلىق ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام  بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئاتقاندىن باشقا يەنە، قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر