بۇركىنا فاسودا فرانسىيە ژورنىلىنىڭ پائالىيەتلىرى توختىتىلدى

بۇركىنا فاسو ھۆكۈمىتى فىرانسىيەنىڭ «Jeune Afrique» ژۇرنىلىنىڭ پائالىيەتلىرىنى توختاتتى.

2042251
بۇركىنا فاسودا فرانسىيە ژورنىلىنىڭ پائالىيەتلىرى توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فرانسىيە ژورنىلىنىڭ بىرى ئالدىنقى ھەپتە، يەنە بىر تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان ئىككى ماقالىسى سەۋەبىدىن، 25-سېنتەبىردىن باشلاپ ژۇرنالنىڭ نەشىر قىلىش پائالىيەتلىرى توختىتىلغان ۋە تور بېكىتى تاقالغان.

باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، فرانسىيە ژورنىلىنىڭ «بۇركىنا فاسو ئارمىيەسىنىڭ سېپىدە جىددىيچىلىك داۋاملاشماقتا» ۋە «بۇركىنا فاسودىكى گازارمىلاردا نارازىلىق كۈنسېرى كۈچەيمەكتە» ماۋزۇلۇق ئىككى ماقالىنىڭ «قايمۇقتۇرۇش» خاراكتېرلىك ئىكەنلىكى  بايان قىلىنغان، بۇ ژورنال دۆلەتتە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئارمىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بۇركىنا فاسودا فىرانسۇز تېلېۋىزىيە قانىلى «LCI» نىڭ تارقىتىشى 6-ئايدا ئۈچ ئاي توختىتىلغان، ئاپرېل ئېيىدا بولسا «Liberation» ۋە «Le Monde» گېزىتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانىدى.

مارت ئېيىدا «France 24» قانىلى، 2022 – يىلى دېكابىر ئېيىدا فىرانسىيە رادىيوسى «RFI» چەكلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر