خەلقئارا جەمئىيەت ئەزەربەيجاننى قوللاپ باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش توغرىسىدىكى ئەھدىلىرىنى تەكىتلىدى.

2036737
خەلقئارا جەمئىيەت ئەزەربەيجاننى قوللاپ باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھىمايە قىلىش ئەھدىسىنى تەكىتلەپ، تەرەپلەرنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجارررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىنىڭ ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش ​​«پىرېزىدېنت سايلىمى»غا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەردى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ ئەرمېنىيە ۋە ئەزەربەيجاننى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇجاررىك، بۇنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئاتالمىش ​​سايلام توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئالاقىدار قارارلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى خالايمىز. بىز بارلىق تەرەپلەرنى بۇنىڭغا تولۇق ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

قىرغىزىستانمۇ ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «قىرغىزىستان ئەزەربەيجاننىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان چېگرالىرى ئىچىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ. ساقلىنىۋاتقان بارلىق مەسىلىلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرتلىرى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى بويىچە سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

قازاقىستانمۇ ئەزەربەيجاننىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان چېگرالىرى ئىچىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «تاغلىق قاراباغ ئەتراپىدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا شۇنى تەكىتلەيمىزكى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان چېگرالىرى ئىچىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ساقلىنىۋاتقان بارلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرتلىرى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى بويىچە سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشىنى قوللايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قاراباغدا قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان ئەرمېنىيە كۈچلىرى 9- سېنتەبىر ئۆز كونتروللۇقىدىكى جايلاردا ئاتالمىش ​​«پىرېزىدېنت سايلىمى» ئۆتكۈزگەنىدى.

ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى بولسا، قاراباغدىكى ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئۆز كونتروللۇقىدىكى يەرلەردە ئۆتكۈزگەن ئاتالمىش ​​سايلامنى ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنىڭغا «دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە قىلىنغان ھۇجۇم خاراكتېرلىك قىلمىش» دەپ باھا بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر