موسكۋادىكى پارتلاشتا 25 كىشى يارىلاندى

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋا رايونىدا ئوپتىكىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىدىغان زاۋۇتتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 25 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2022416
موسكۋادىكى پارتلاشتا 25 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، موسكۋا رايونىغا جايلاشقان سېرگىيېۋ پوساد شەھىرىدىكى زاگورسكى ئوپتىكا-مېخانىك زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، پارتلاشنىڭ زاۋۇتنىڭ ئىسكىلاتىدىكى ئاسان يانىدىغان ماتېرىياللار سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكى، زاۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىنالاردىكى كىشىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، پارتلاش سەۋەبىدىن 25 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە بۇلاردىن ئىككى كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر