فىرانسىيە بۇركىنا فاسوغاغا بېرىۋاتقان ياردەمنى توختاتتى

فىرانسىيە بۇركىنا فاسوغا بېرىۋاتقان بارلىق تەرەققىيات ۋە خامچوت ياردەملىرىنى ۋاقتىنچە توختاتتى.

2021193
فىرانسىيە بۇركىنا فاسوغاغا بېرىۋاتقان ياردەمنى توختاتتى

فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە بۇركىنا فاسوغا بېرىۋاتقان بارلىق تەرەققىيات ۋە خامچوت ياردەملىرىنى ئىككىنچى قېتىملىق يوليۇرۇق چۈشۈرۈلگەنگە قەدەر توختاتقان.

فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇلتۇر بۇركىنا فاسوغا 13 مىليون ياۋرو خامچوت ياردىمى بېرىش پىلانلانغان بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ بۇ دۆلەتكە بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەملىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 482 مىليون ياۋروغا يەتكەن.

بۇلتۇر بىرى يانۋاردا، يەنە بىرى سېنتەبىردە بولۇپ، ئۇدا ئىككى قېتىملىق ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرگەن بۇركىنا فاسو بۇ يىل يانۋاردا سابرې ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بۇ دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى قوبۇل قىلغان، ئەمما تەرەققىيات ۋە خامچوت ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرغانىدى.

بۇركىنا فاسو يېقىندا مالى ۋە نىگېردىكى ھەربىي ھاكىمىيەتنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

فىرانسىيە 26-ئىيۇل كۈنى ئەسكەرلەر ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان نىگېرغا بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەملەرنى 29-ئىيۇل كۈنى ۋاقتىنچە توختاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر