پۇتىن: شەرتلىرىمىز ئورۇندالسا، كېلىشىمگە دەرھال قايتىپ كېلىمىز

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئەگەر بارلىق شەرتلەر ئورۇندالغان تەقدىردە، موسكۋانىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىگە دەرھال قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2013699
پۇتىن: شەرتلىرىمىز ئورۇندالسا، كېلىشىمگە دەرھال قايتىپ كېلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت پۇتىن پايتەخت موسكۋادا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشتا، قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ رۇسىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «تەكەببۇرلارچە» ئۇسۇلىغا قارىماي، كېلىشىمنى كۆپ قېتىم ئۇزارتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز چەت ئەللىك خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىپ تەستىقلانغان شەرتلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق، ئەمما ئۇنداق بولمىدى» دېدى.

پۇتىن كېلىشىمنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ جاۋابكارىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى ئىكەنلىكىنى، رۇسىيەنىڭ نامرات دۆلەتلەرگە ئوغۇت ئەۋەتىش تىرىشچانلىقىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بۇ كېلىشىم ھازىرقى شەكىلى مەنىسىنى يوقاتتى» دېدى.

ئۇ كېلىشىمنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ ھەر خىل شەرتلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، يېمەكلىك ۋە ئوغۇت بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان رۇسىيە بانكىلىرى ۋە پۇل- مۇئامىلە ئورگانلىرى، ھەمدە رۇسىيە ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازارلارغا يۆتكىلىشى ۋە دېھقانچىلىق قوراللىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ رۇسىيەگە توشۇلۇشى يولىدىكى توسالغۇلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتىلدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە پاراخوتلىرىنىڭ سۇغۇرتا مەسىلىسىنىڭمۇ ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «ئاخىرىدا، رۇسىيەنىڭ كېلىشىمگە قايتىپ كېلىشىنىڭ ئاساسلىق شەرتى، كېلىشىمنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ماھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. ئەگەر بىز ئىلگىرى بىردەكلىك ھاسىل قىلغان بۇ شەرتلەرنىڭ ھەممىسى ئورۇندىلىپ قالسا، بىز دەرھال كېلىشىمگە قايتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر