گوللاندىيەدە ھۆكۈمەت ئىستىپا بەردى
گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې تۆت پارتىيەدىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى توغرىسىدىكى مۇزاكىرىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغاندىن كېيىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مارك رۇتتې بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى تۆت پارتىيە ئوتتۇرىسىدا كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ چىڭىتىلىشىغا دائىر مۇزاكىرىلەردىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
مارك رۇتتې كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ بىر چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى سىياسى قوللاش غايىب بولدى. بۇ قايغۇلۇق بىر ئەھۋال ۋە بىز سەل قاراشقا بولمايدىغان سىياسىي بىر رېئاللىقتۇر. مەن كابىنېتنىڭ ئىستىپانامىسىنى پادىشاھقا (ۋىللېم ئالېكساندېرغا) سۇنىمەن» دېدى.
مارك رۇتتې دەسلەپتە سايلامنىڭ يېڭىلىنىش مۇساپىسىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ سايلامغىچە «ۋاقىتلىق» ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىپا بېرىشىنىڭ ھەرگىزمۇ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى، بۇ جەرياننى تاماملىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن مارك رۇتتې، كۆچمەنلەر سىياسىتىگە قارىتا بىردىن كۆپ چۈشىنىشمەسلىكلەر بارلىقىنى، كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ كىشىلەر ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۆكتىچىلەردىن نۇرغۇنلىغان پارلامېنت ئەزالىرى تىۋىتتېردا ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىپا قارارىدىن مەمنۇن بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، سايلامنىڭ بالدۇرراق ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.