فىرانسىيەدە نائېلنى ئۆلتۈرگەن ساقچىنىڭ ئائىلىسىگە مەبلەغ توپلاش ھەرىكىتى تالاش- تارتىش قوزغىدى

فىرانسىيەدە تېگى ئالجىرىيەلىك 17 ياشلىق نائېل مىنى ئۆلتۈرگەن ساقچىنىڭ ئائىلىسىگە مەبلەغ توپلاش ھەرىكىتى تالاش- تارتىش قوزغىدى.

2007784
فىرانسىيەدە نائېلنى ئۆلتۈرگەن ساقچىنىڭ ئائىلىسىگە مەبلەغ توپلاش ھەرىكىتى تالاش- تارتىش قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاشقۇن ئوڭچىل ئېرىك زېممورنىڭ سابىق باياناتچىسى ژان مېسسىھا تەرىپىدىن «گوفۇندمې» سۇپىسىدىن نائېلنى ئۆلتۈرگەن ساقچىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن باشلانغان ۋە تۈنۈگۈن كەچتە ئاخىرلاشقان مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكى تالاش - تارتىش قىلىنماقتا.

تۈنۈگۈن كەچكىچە 1 مىليون 636 مىڭ 220 ياۋروغا يەتكەن «نەنتېررې ساقچىسىنىڭ ئائىلىسىنى قوللاش» ناملىق مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىگە تەخمىنەن 45 مىڭ ئادەم قاتناشتى.

سول قانات جەمئىيەتلەر مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى «نامۇناسىپ ھەرىكەت» دەپ ئاتىدى. ئارتۇر دېلاپورتې ۋە ماتىلدې پانوت قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى بولسا «ئۆچمەنلىك، زوراۋانلىق ياكى ئايرىمچىلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى سەۋەبىدىن بۇ پائالىيەتكە قارىتا قانۇنىي جەھەتتىن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئېلىزابېت بورنې بۇ پائالىيەتنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە  ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەس، سوت مەھكىمىسىنىڭ  قارار چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

نائېلنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئادۋوكاتى ياسىن بوزرو مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى قوزغىغان مەسسىھانىڭ «تەشكىللىك ئالدامچىلىق» جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى.

فىرانسىيە ساقچىسى 27-ئىيۇن نەنتېررې رايونىدا 3 ئادەم ئولتۇرغان ماشىنىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، 17 ياشلىق شوپۇر نائېل مىنى ئۆلتۈرگەنىدى.

ۋەقەدىن كېيىن، نائېلنىڭ ئۆلۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلەر  فىرانسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوخشىمىغان شەھەرلەردە كوچىلارغا چىقىپ نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقانىدى.

مەزكۇر ياشنى ئۆلتۈرگەن ساقچى ئىشتىن بوشىتىلغان ۋە ئۇنىڭ تۇتقۇن ھالىتىدە سوتلىنىشى  قارارلاشتۇرۇلغانىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پارىژ، مارسېليا ۋە لىيون قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا تالان – تاراچ ۋە بۇلاڭ – تالاڭ  قىلمىشلىرى يۈز بەرگەن، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 21.00 گىچە 10 دەك شەھەردە سىرتقا چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر