پۇتىن پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس بىلەن سۆھبەتلەشتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: كېرمىل سارىيىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباس 24-ئىيۇن ۋەقەلىرى جەريانىدا ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى ۋە قانۇننى قوغداشقا قارىتا رۇسىيە ھۆكۈمىتى تاشلىغان قەدەملەرنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىككى رەھبەر سۆھبەتتە رۇسىيە بىلەن پەلەستىننىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئۆز-ئارا پوزىتسىيەلىرىنى ئىپادىلىگەن.
رۇسىيە تەرەپ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە كىرىزىسىگە قارىتا ھازىرقى خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا ئادىل ۋە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشتىكى مەيدانىنى قايتا تەكىتلىگەن.
پىرېزىدېنت پۇتىن قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئابباس ۋە بارلىق پەلەستىن خەلقىنى تەبرىكلىگەن.
پۇتىن بىلەن ئابباس ئالاقە - مۇناسىۋەتلىرىن داۋاملاشتۇرۇشقا كېلىشكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
غەززەدە قاپسىلىپ قالغان دوختۇرلار تارقاقلاشتۇرۇلدى
غەززەدە قاپسىلىپ قالغان ئامېرىكالىق 17 دوختۇر تارقاقلاشتۇرۇلدى.
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.