ئامېرىكا ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىقنى تەكىتلەشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تۈنۈگۈن (18-ئىيۇن) خىتايدىكى رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن كۆرۈشتى.

2001284
ئامېرىكا ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىقنى تەكىتلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر چىن گاڭ ئۇچرىشىشىتا، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار نۇقتىغا كېلىپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆزئارا ھۆرمەت، تىنچ بىللە ياشاش ۋە تەڭ پايدا ئېلىش ھەمكارلىقى پىرىنسىپلىرى دائىرىسىدە كۆرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان چىن گاڭ، بۇ پىرىنسىپلارنىڭ ئورتاق روھى، نىشانى ۋە قىزىل سىزىقى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

چىن گاڭ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇقىم، ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان ۋە ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتا ئوبيېكتىپ ۋە ئەمەلىيەتچىل قاراشنى ئۆزلەشتۈرۈشىنى شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنى ئاقىلانە، تەمكىن ۋە كەسپىي ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

خىتاي مىنىستىرى چىن گاڭ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بالى ئارىلىدىكى ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلغان چۈشىنىشنىڭ مەزمۇنى ۋە روھىغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن مۇقىم بىر يۆنىلىشكە ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

چىن گاڭ تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ نېگىزلىك مەنپەئەتى، ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى ۋە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەڭ روشەن خەتەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا تەرەپنى بىر خىتاي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشقا شۇنداقلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۈچ ئورتاق خىتابنامىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئورۇنداشقا ۋە «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى» نى قوللىماسلىق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، مىنىستىر بلىنكېننىڭ ئۇچرىشىشىتا، خاتا چۈشەنچە ۋە خاتا ھېسابلاشلاردىن كېلىپ چىقىدىغان  خەۋىپلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان مەسىلىلەردە ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق تۇتۇشنىڭ، شۇنداقلا دىپلوماتىيەنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، مىنىستىر بلىنكېننىڭ مۇناسىۋەتلەردىكى ئەندىشە تېمىسى بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەردىن باشقا، خىتاي بىلەن مەنپەئەتلىرى باغىنىشلىق دۆلەت ھالقىغان مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى تىلغا ئالغانلىقى ئەسكەرتىلىپ:  «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكانىڭ دائىم ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغانلىقىنى ھەمدە ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ۋە قانۇنلارنى ئاساس قىلغان خەلقئارالىق تەرتىپنى قوغداش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېيىلدى.

باياناتتا، بلىنكېننىڭ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن چىن گاڭنى ۋاشىنگتونغا تەكلىپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۇچرىشىشتا، تەرەپلەر خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېتەكچى پىرىنسىپلارغا ئالاقىدار مەسلىھەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش، مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇئەييەن مەسىلىلەرنى بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن ھەل قىلىش، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە ئۆزئارا ئالاقىنى تەشۋىق قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر