گوللاندىيەدە پاناھلانغۇچىلارنى قوللاش ئۈچۈن 1 مىليون 300 مىڭ ياۋرو ئىئانە توپلاندى

گوللاندىيەدە مىڭلىغان كىشى پاناھلانغۇچىلارنى قوللاپ يۈرۈش قىلدى ۋە بىر نەچچە سائەت ئىچىدىلا تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ ياۋرو ئىئانە توپلىدى.

2001197
گوللاندىيەدە پاناھلانغۇچىلارنى قوللاش ئۈچۈن 1 مىليون 300 مىڭ ياۋرو ئىئانە توپلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەدە پاناھلانغۇچىلار فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن پاناھلانغۇچىلارنىڭ يېڭى بىر تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئارزۇسى بىلەن بېسىپ ئۆتكەن ئۇزۇن مۇساپىلىرىگە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىش مەقسىتىدە، بۇ يىل (2023) 14- نۆۋەتلىكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان «پاناھلانغۇچىلار كېچىسى» قوللاش يۈرۈشىگە 5500 كىشى قاتناشتى.

پائالىيەت ئۈچۈن بېكىتىلگەن 10، 20 ۋە 40 كىلومېتىرلىق يولنىڭ بىرىنى تاللاپ يۈرۈشكە قاتناشقان پائالىيەتچىلەر، 1 مىليون 278 مىڭ 64 ياۋرو ئىئانە توپلىدى.

روتتېردام، خارلېم، نىجمېگېن، ئامېرسفورت ۋە تىلبۇرگ شەھەرلىرىدە باشلانغان 40 كىلومېتىرلىق يۈرۈش، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 24:00 تە باشلىنىپ چۈشتە ئاخىرلاشتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر