ئىمران خان 8 - ئىيۇنغىچە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلدى
پاكىستان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سوت مەھكىمىسى سەككىز تۈرلۈك جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىۋاتقان سابىق باش مىنىستىر ئىمران خاننى 8- ئىيۇنغىچە كېپىللىككە قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرى، پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسى رەھبىرى ئىمران خاننىڭ سوت مەھكىمىسىدىكى ئسىپات ئاڭلاش يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن لاھوردىن پايتەخت ئىسلامئابادقا بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سوت مەھكىمىسى سەككىز تۈرلۈك جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىۋاتقان سابىق باش مىنىستىر ئىمران خاننى 8- ئىيۇنغىچە كېپىللىككە قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغان.
2022- يىلى 4- ئايدا باش مىنىستىرلىقتىن ئېلىپ تاشلانغان ئىمران خان ئۈستىدىن سۇنۇلغان 90 دىن ئارتۇق ئەرزنامە بار.
2022- يىلى 6- ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىمران خان ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئاساسلىق ئۆي-مۈلۈك ماگناتى مالىك رىيازدىن ئەلقادىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قىممەت باھالىق چوڭ كۆلەملىك يەر ۋە مىلياردلارچە رۇپىيە پۇل ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.