209 نەپەر كولومبىيە كۆچمىنى ئامېرىكادىن قوغلاپ چىقىرىلدى

ئامېرىكادىن قوغلاپ چىقىرىلغان 209 نەپەر كولومبىيە كۆچمىنى مەسئۇللارنىڭ تەشەببۇسى نەتىجىسىدە ئۆز دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كېتىلدى.

1985308
209 نەپەر كولومبىيە كۆچمىنى ئامېرىكادىن قوغلاپ چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پايتەخت بوگوتادىكى خەلقئارا ئەل دورادو ئايرودۇرۇمىغا ئېلىپ بېرىلغان كولومبىيە كۆچمەنلىرى ئامېرىكادا ئايرىمچىلىققا ئۇچرىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

كولومبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان بايانتتا، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ماسلىشىش ئىچىدە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «مۇداپىئەسىز ھالەتتىكى 209 نەپەر پۇقرامىزنى دۆلەتكە ئېلىپ كەلدۇق ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىۋاتىمىز» دېيىلدى.

كولومبىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەرنى كوكايىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇرۇشىغا يول قويمىغان.

كولومبىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كۆچمەنلەردىن كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغانلىقى توغرىسىدا كېرەكلىك مەلۇماتلارنىڭ ئېلىنغانلىقى ۋە بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەتقىقاتنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كولومبىيە دائىرىلىرى ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدا قولغا چۈشكەن قانۇنسىز كولومبىيە كۆچمەنلىرىنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ  كېلىش پىلانىنى 5 – مايدا ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كولومبىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كارلوس فېرناندو گارسىيا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارنى ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ كۆچمەنلەرگە قىلغان مۇئامىلىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر