نىگېرىيەدە پاراخوت ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 15 ئادەم قازا قىلدى

نىگېرىيەنىڭ سوكوتو ئۆلكىسىنىڭ شاگارى دەرياسىدا بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كېتىپ 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى  يوقاپ كەتتى.

1984645
نىگېرىيەدە پاراخوت ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 15 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاگارى رايونىنىڭ ئەمەلدارى ئەلىيۇ ئەبۇبەكرىنىڭ يەرلىك گېزىتكە بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، داندېجى كەنتىدىن يولغا چىققان مەزكۇر پاراخوت شاگارى دەرياسىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن.

15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشى  يوقاپ كەتكەن ھادىسەدىن كېيىن باشلانغان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋامىدا، 15 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھادىسەدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىش خەۋپى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر