ئامېرىكا 11 ئىرانلىققا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە مەسئۇل دەپ قارىغان ئىراننىڭ 11 ئەمەلدارىغا ئېمبارگو يۈرەۈزۈشنى قارار قىلدى.

1979161
ئامېرىكا 11 ئىرانلىققا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىراننىڭ 11 ئەمەلدارىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «ئامېرىكا ئىراننىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپەندىچىلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىيلىكلىرىگە دۇچ كەلگەن ئىران خەلقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكلەرگە ھۆرمەت قىلىش تەلىپىنى قەتئىي قوللايمىز. بۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغانلارنى ئۆلتۈرگەن، تۇتقۇن قىلغان، ئۇرغان ۋە تىنچلىق بىلەن يىغىلىپ، ئەركىن پىكىر بايان قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغان ياكى بۇلاردا رول ئوينىغان 11 ئىران ئەمەلدارىغا ۋىزا بەرمەسلىكنى قارار قىلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر