نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا

بورنو ئۆلكىسىدىكى ھەرىكەتلەر جەريانىدا ئارمىيە بىلەن بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

1978466
نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ بورنو ئۆلكىسىدە، دۆلەت .ارمىيەسى بىلەن بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشتا، بوكو ھارامنىڭ 35 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى ۋە نۇرغۇن تېررورچىلار يارىلاندى.

ھەرىكەتتە يەنە، تۆت ئەسكەر يارىلىنىپ، تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار قۇتقۇزۇۋېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر