مالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 7 ئادەم قازا قىلدى

مالىنىڭ جەنۇبى ۋە ئىچكى قىسىملىرىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1975000
مالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 7 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان قوراللىق كىشىلەر بۇركىنا فاسو چېگراسىغا يېقىن سىكاسسو رايونىغا جايلاشقان ھېرېماكونو چېگرا پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا گانالىق بىر شوپۇر بىلەن بىر ساقچى قازا قىلغان، 3 كىشى يارىلانغان.

بۇركىنا فاسونىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا جايلاشقان موپتى رايونىدا سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان شەخسلەر بانكاس رايونى ناھىيەسىدىكى دجان - ئوئىكورو كەنتىگە ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا 5 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر