خىتاي ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى دەۋا قىلدى

خىتاي ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ قانۇنسىز ھالدا خىتاي دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1972520
خىتاي ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى دەۋا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «USS Milius» تىپلىق ھەربىي پاراخوتنىڭ قانۇنسىز ھالدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى بىر ئارالغا يېقىنلىشىپ، خىتاي دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى دەۋا قىلدى.

خىتاينىڭ جەنۇب ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ نازارەت قىلىنغانلىقىنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە ئەتراپتىكى دېڭىز رايونىدا مۇنازىرە تەلەپ قىلىنمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە» دېدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 7-فىلوتى بايانات ئېلان قىلىپ، ھەربىي پاراخوتنىڭ رايوندا «نورمال» ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ۋە مەزكۇر رايوندىن ئايرىلىپ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئارمىيەسى 23-مارتتىكى باياناتىدا، «USS Milius» نىڭ رۇخسەتسىز ھالدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى پاراسېل ئارىلى ئەتراپىدىكى رايونغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بولسا، بۇ پاراخوتنىڭ دائىملىق ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. برۇنېي، مالايشىيا، فىلىپپىن، تەيۋەن ۋە ۋىيېتناممۇ بۇ رايوندا ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر