ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر بالىنى ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى داۋامىدا پەلەستىنلىك بىر بالا جېنىدىن ئايرىلدى، بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى پەلەستىنلىك يارىلاندى.

1954362
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر بالىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قالقىليا رايونىغا قاراشلىق ئاززۇن كەنتىگە ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەسىتنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمى ئەسناسىدا 15 ياشلىق مۇھەممد نىدال سېلىم دۈمبىسىگە ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان، يەنە بىر بالا بولسا كۆكسىگە ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلانغان.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى يەنە بىر پەلەستىنلىك ياشنى يارىلاندۇرغان.

شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئىشغال ئاستىدىكى جايلاردا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 68 گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر