گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىدە 38 ئادەم ئۆلدى
گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىدە 38 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 130 كىشى يارىلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (AMNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لارىسا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تېمپى رايونىدا بىر يولۇچىلار پويىزى بىلەن يۈك پويىزى سوقۇلۇپ كەتكەن.
ۋەقەدىن كېيىن، يولۇچىلار پويىزىنىڭ بەزى ۋاگونلىرى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن.ۋەقەدە، 38 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 130 كىشى يارىلانغان.
ۋەقەدىن كېيىن، پويىزدىكى يولۇچىلار ئاپتۇبۇسلار ئارقىلىق سەلانىك، لارىسا ۋە كاتېرىنى شەھەرلىرىگە توشۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئافېنادىن سەلانىك شەھىرىگە قاراپ كېتىۋاتقان «IC 62» تىپلىق يولۇچىلار پويىزىدا تەخمىنەن 350 يولۇچى بار بولۇپ، نەق مەيداندا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.