پېرۇدا كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە 40 كىشى قازا قىلدى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى پېرۇدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە 40 كىشى قازا قىلدى.

1943450
پېرۇدا كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە 40 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېرۇ مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئارېكىپا، سېكوچا ۋە كامانا قاتارلىق ئۆلكىلەردە ياغقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشى قازا قىلغان.

جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى (COER) نىڭ بىلدۈرىشىچە، ئاپەتتە 40 كىشى قازا قىلىپ، بەش كىشى يوقاپ كەتكەن.

تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە 5495 ئۆي، 538 كىلومېتىر يول ۋە 34 كۆۋرۈك زىيانغا ئۇچرىغان. مىڭلىغان كىشى ئۆي-ماكانسىز قالغان.  

كەلكۈندە ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

زىيان ئەڭ ئېغىر بولغان ئارېكىپا رايونىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

ئالاقىدار مەسئۇللار ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر