كولومبىيەدىكى قوراللىق ھۇجۇم تۆت كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
كولۇمبىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا تۆت كىشى قازا قىلىپ، ئالتە كىشى يارىلاندى.
1940195
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولۇمبىيە دۆلەت مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، باررانكۇلا شەھىرىگە قاراشلىق ئېل سانتۇئارو مەھەللىسىدە بىر ئاشخانىدا مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان كىشىلەرگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىنغان.
ھۇجۇمدا تۆت كىشى نەق مەيداندا جېنىدىن ئايرىلىپ، ئالتە كىشى يارىلانغان.
ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ رايونغا موتوسىكلىت بىلەن كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئالاقىدار مەسئۇلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رايوندا تەشكىللىك جىنايەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ بارلىقى ۋە ئەتكەسچىلىك سەۋەبىدىن خەلقنىڭ ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.