فىلىپپىندە ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى كىشى قاز قىلدى

فىلىپپىننىڭ باتان ئۆلكىسىدە ھەربىي مەشىق ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1937681
فىلىپپىندە ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى كىشى قاز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فلىپپىن خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىي مەشىق ئايروپىلانىنىڭ باتان ئۆلكىسىدىكى شاللىققا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھاۋا ئارمىيە باياناتچىسى پولكوۋنىك مارىيا كونسۇئېلو كاستىللو ھەربىي ئايروپىلاننىڭ پايتەخت مانىلانىڭ جەنۇبىدا مەشىق قىلىۋاتقاندا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ساقچى مۇپەتتىشى ئېدگاردو دېلوس سانتوس ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى كونترولدىن چىقىپ، تېز سۈرئەت بىلەن چۈشۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

سانتوس جېنىدىن ئايرىلغان ئىككى كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ ئايروپىلان خارابىلىكى ئاستىدىن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر