ئىسرائىلىيە كۈچلىرى بىر پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى

ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا بىر پەلەستىنلىك يارىلاندى، 15 پەلەستىنلىك قولغا ئېلىندى.

1931058
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى بىر پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، نابلۇس شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى «بالاتا مۇساپىرلار لاگېرى» غا بېسىپ كىرىپ، لاگېر ئەتراپىدىكى بىر ئۆينىڭ ئەتراپىنى قورشىغان. بۇ جەرياندا ئىسرائىلىيە كۈچلىرى بىلەن ئونلارچە پەلەستىنلىك ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر پەلەستىنلىك يارىلانغان.

پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى يارىلاندۇرغان 20 ياشلاش چامىسىدىكى پەلەستىنلىك، رۇفەيدە دۆلەت دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

پەلەستىن ئەسىرلەر جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا 15 پەلەستىنلىك قولغا ئېلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا پات - پات  باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن، ھەمدە پەلەستىنلىكلەرنى ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، تۇتقۇن قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر