نىگېرىيەدە دېھقانلار ئولتۇرغان بىر كېمە غەرق بولۇپ كەتتى
نىگېرىيەنىڭ كېببى ئۆلكىسىدە 100 دىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرغان بىر كېمە غەرق بولۇپ كېتىپ، 10 ئادەم قازا قىلدى.
1928191
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېببى ئىشتاتلىق يەرلىك ھۆكۈمەت رەئىسى يەھايا بېللو، دېھقانلار ئولتۇرغان كېمىنىڭ ھازىرچە ئېنىقلىنالمىغان بىر سەۋەبتىن غەرق بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كېمىدە 100 دىن ئارتۇق يولۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان بېللو، ۋەقەدە 10 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 10 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە، كېمىدىكى قالغان 80 يولۇچىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ۋە رايوندىكى ئىزدەش خىزمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.