ئىران پارلامېنتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىق لايىھەسىنى تەستىقلىدى

ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسى، پارلامېنتتا تەستىقلاندى.

1911743
ئىران پارلامېنتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىق لايىھەسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ(İSNA)  خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىران پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرە يىغىنىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش قارار لايىھەسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى ۋە تەپسىلاتلىرى تالاش-تارتىش قىلىنىپ، ئاۋازغا قويۇلغان.

ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولۇش قارار لايىھەسى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشقا، 237 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ 203 نەپىرى قوللىغان، ئۈچ نەپىرى رەت قىلغان، تۆت نەپىرى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن.

قارار لايىھەسى بويىچە، رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، خەۋپسىزلىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەر ھەمدە ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە قوبۇل قىلىنغان 49 ھۆججەتنى ئىمزالىشىغا ھوقۇق بېرىلىدۇ.

ئىران 2005-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە قاتناشقان بولۇپ، تولۇق ئەزالىق باسقۇچى 2021-يىلى سېنتەبىردە باشلانغان ئىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئاببدۇللاھىيان 14-سېنتەبىردە ئۆزبېكستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەدىنامەسىنى تەشكىلات كاتىپى جاڭ مىڭ بىلەن ئىمزالىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

1996-يىلى خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكستان ۋەكىللىرىنىڭ شاڭخەيدە چېگرا رايونلىرىدا ھەربىي ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىشى بىلەن «شاڭخەي بەش دۆلەت تەشكىلاتى» قۇرۇلغان ئىدى.

تۈركىيە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ «دىيالوگ شېرىكى» دۆلىتى سۈپىتىدە ئەزا. 2001-يىلى ئۆزبېكستاننىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان دۆلەت سانى ئالىتىگە چىققان ۋە ئىسمى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. كېيىنچە، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر