ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئىشتاتىدا يەر تەۋرىدى

ھىندونېزىيەنىڭ جىرانجاڭ شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا يەردىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 5.6 بال يەر تەۋرىگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1908715
ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئىشتاتىدا يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS) جىرانجاڭ شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا يەردىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 5.6 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن پايتەخت جاكارتادا بىر قانچە سېكۇنتلۇق سىلكىنىش يۈز بەردى. دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر