نەنسى پېلوسىنىڭ يولدىشىنى ئۇرۇپ يارىدار قىلغان داۋىد دېپاپې سوت قىلىندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ 82 ياشلىق يولدىشى پائۇل پېلوسىغا ھۇجۇم قىلغان داۋىد دېپاپې تۇتۇپ تۇرۇپ سوت قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىندى.

1900856
نەنسى پېلوسىنىڭ يولدىشىنى ئۇرۇپ يارىدار قىلغان داۋىد دېپاپې سوت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانفىرانسىسكودىكى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىش، يولدىشىنى ئۇرۇش ۋە ئاۋام پالاتاسى باشلىقىنى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن 42 ياشلىق جىنايەت گۇماندارى دېپاپېنى كېپىللىككە بېرىلمەستىن سوت قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلدى.

سوتنىڭ ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، دېپاپېنىڭ «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەزىپىسىدە» ئىكەنلىكىنى، كالىفورنىيە ۋە فېدېراتسىيە سىياسىئونلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى رويخەتكە ئېلىندى.

شىمالىي كالىفورنىيە رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىش ۋە تۇتۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەن دېپاپېنىڭ ئادۋوكاتى ئادام لىپسون، ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ۋە روھىي ھالىتىنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.  

دېپاپې جۈمە كۈنى (28-ئۆكتەبىر) قىلغان ھۇجۇمدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئاپېلسىن رەڭلىك تۈرمە كىيىملىرى بىلەن خەلقنىڭ ئالدىغا چىقتى.

دېپاپې جۈمە كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 02:27 دە نەنسى پېلوسىنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، پائۇل پېلوسىنىڭ بېشىغا بولقا بىلەن ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بەرگەن ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مەسئۇل، پائۇل پېلوسىغا ھۇجۇم قىلغان كىشىنىڭ «پېلوسى نەدە؟» دەپ سورىغانلىقىنى، پائۇل پېلوسىنى باغلاشقا ئۇرۇنۇش ئەسناسىدىمۇ «بىز ئەمدى نەنسىنى ساقلايمىز» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دېپاپېنىڭ ئامېرىكا دۆلەت خادىمىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى ئۈچۈن 20 يىللىق، يولدىشىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن 30 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر