خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەن بوغۇزىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

خىتاي ئارمىيەسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن، تەيۋەن بوغۇزىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مانېۋىرى باشلىدى.

1863651
خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەن بوغۇزىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئارمىيەسى شەرق فىرونتى قوماندانلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «تەيۋەن بوغۇزىنىڭ شەرقىدىكى بەزى رايونلارغا ئادەتتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئېتىلىپ، نىشانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلىنغانلىقى»نى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ ئايروپىلانى تەيۋەنگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئارالنىڭ شىمالى، غەربىي جەنۇبى ۋە شەرقىي جەنۇبىدا دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىرلارنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، شەرق تەرىپىدە، نورمال باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ قىلىنىدىغانلىقى، تەيۋەن بوغۇزىدا يىراق مۇساپىلىك زەمبىرەك مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

8-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان مانېۋىرلار، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەتالاش قىلىنىۋاتقان ئارال ئەتراپىدا ئەمەلىي قامال شەكىللەندۈردى.

ئالتە رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مانېۋىرلار سەۋەبىدىن بەزى رايونلارنىڭ پاراخوت ۋە ئايروپىلان قاتنىشىغا تاقىۋېتىلگەنلىكى، بوغۇزنى كېسىپ ئۆتۈش يولىدا پەيدا بولغان بىخەتەرلىك ئەندىشىسى تۈپەيلى قاتناشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، پېلوسى كەتكەندىن كېيىن تۈنۈگۈن كەچتە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ تەيۋەننىڭ كىنمېن ئارىلى (Quemoy) ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، 1950-يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ھېچقانداق ھاۋا قاتنىشى كىنمېن ئۈستىدىن ئۇچۇپ باقمىغانىكەن.

پېلوسى ۋە بەش كىشىلىك پالاتا ئەزاسى ئولتۇرغان ئايروپىلان ئالدىنقى كۈنى كەچتە تەيۋەنگە يېتىپ كەلگەن. ئىككى ھەپتىدىن بۇيان نۇرغۇن غۇلغۇلا پەيدا قىلغان، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىككە سەۋەب بولغان زىيارەت، بېيجىڭنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، پېلوسىنىڭ ئايروپىلانى تەيۋەنگە قونغاندىن كېيىنلا بايانات ئېلان قىلىپ، زىيارەتنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغاندى.

تەيۋەننى ئۆز تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغان بېيجىڭ، بۇ زىيارەتنى «ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى قىلىش» دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە كەسكىن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر