خىتاي كىشىلىك ھوقۇقتا ئۆزىنى ئاقلىدى

خىتايدا زىيارەت بولۇۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت (MichelleBachelet) خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.

1832570
خىتاي كىشىلىك ھوقۇقتا ئۆزىنى ئاقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا زىيارەت بولۇۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت (MichelleBachelet) خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.

خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلاپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ مۇكەممەللىكنى دەۋا قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلارشتۇرۇش ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن باھانە بولۇپ بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي، تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي شارائىتىغا ماس ھالدا كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئالدىنقى ئەسىردىكى تەرەققىيات نەتىجىسىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەۋر روھىغا ۋە ئۆزىنىڭ دۆلەت شارائىتلىرىغا ماس ھالدا تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قەدەم قويغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە: «ھېچقانداق بىر دۆلەت كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا مۇكەممەل دەپ دەۋا قىلالمايدۇ» دېدى.

ب د ت نىڭ باياتىغا ئاساسلانغاندا، مىشېل باچېلېت: «خىتاي بۈگۈن خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىش، يەر شارى ئىقتىسادى سىستېمىسىنىڭ مۇقىمسىزلىقى، باراۋەرسىزلىك ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كۆپ تەرەپلىك ئورگانلار ئىچىدە موھىم رول ئوينىيالىشى مۇمكىن. مەن جۇڭگودىكى ئىشخانامنىڭ تۈركىيەدە كىشىلىك ھوقۇق ، ئادالەت ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشقا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بۇ ۋە باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۆت كۆز  بىلەن كۈتىمەن.  ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق، ئادالەت ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش تىرىشچانلىقىغا تۆھپە قوشالىشى مۇمكىن» دېدى.

باچېلېت ئالتە كۈنلۈك زىيارىتى دائىرىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىدۇ.

 

 

 

.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر