بولىۋىيەدە ئۇنۋېرسىتېتتىكى قىستاڭچىلىقتا 4 كىشى قازا قىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان بولىۋىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا يۈز بەرگەن قىستى -قىستاڭچىلىقتا 4 كىشى قازا قىلىپ، كەم دېگەندە 70 كىشى يارىلاندى.

1824503
بولىۋىيەدە ئۇنۋېرسىتېتتىكى قىستاڭچىلىقتا 4 كىشى قازا قىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بولىۋىيەنىڭ پوتوسى رايونىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغۇچىلار كېڭىشى سايلىمى ئۈچۈن يۈزلىگەن كىشى يېپىق چېنىقىش زالىغا توپلاندى.

تالاش - تارتىشلار باشلانغاندىن كېيىن  ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە قىستى –قىستاڭچىلىق يۈز بەردى.

ۋەقەدە 4 كىشى قازا قىلىپ، 70 تىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

ۋىلايەتلىك باش تەپتىش مەھكىمىسى يارىلانغانلاردىن 5 كىشىىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمىدە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بولىۋىيەدە ئۆتكەن يىلى مارتتىمۇ باشقا بىر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلار يىغىنىدا رىشاتكىلارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشىشى نەتىجىسىدە 12 كىشى قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر