ب د ت: كونگودا تىنچلىق ساقلاش قىسمى تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرى ئولتۇرغان بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1804072
ب د ت: كونگودا تىنچلىق ساقلاش قىسمى تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچ، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە، تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ پاكىستانلىق 6، رۇسىيەلىك 1 ۋە سېربىيەلىك 1 بولۇپ، جەمئىي  8 نەپەر ئەسكىرى ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ، يېقىنقى كۈنلەردە كونگو ئارمىيەسى بىلەن M23 دەپ ئاتىلىدىغان قوراللىق گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان تشەنزۇ رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر