ھىندىستاندا زەھەرلىك گاز چىقىپ كېتىپ 6 كىشى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ گۇجرات ئۆلكىسىدە يۈزبەرگەن بىر ماي ئاپتوموبىلىدىن زەھەرلىك گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدە 6 كىشى قازا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى مەسئۇلى ماھېش پاتەل گۇجرات ئۆلكىسىدىكى سۇرات شەھىرىگە قاراشلىق سانائەت مۇئەسسىسەسىدە بىر ماي ئاپتوموبىلىدىن زەھەرلىك گاز چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
پاتەل گازنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 6 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 25 كىشىنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ماي ئاپتوموبىلى شوپۇرى ئاپتوموبىلدىن قالدۇق خىمىيەلىك تاشلاندۇقلارنى بوشىتىۋاتقان پەيتتە زەھەرلىك گاز چىقىپ كەتكەن. شۇ جەرياندا، سانائەت مۇئەسسىسەسىدە ئۇخلاۋاتقان ئىشچىلار گازنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
غەززەدە قاپسىلىپ قالغان دوختۇرلار تارقاقلاشتۇرۇلدى
غەززەدە قاپسىلىپ قالغان ئامېرىكالىق 17 دوختۇر تارقاقلاشتۇرۇلدى.
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.